بۇنىڭ جاۋابىنى سىز بىلەمسىز ؟
- پادىشاھ بارلىق ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنى يىغىپ مۇنداق دەپتۇ : «مەن سىلەرگە ئۆزۈڭلار خالايدىغان ئۆلۈش ئۇسۇلنى تاللاشقا ھوقۇق بېرىمەن ، قېنى تاللاڭلار ..» .. ئارىدىن گۇناھكارلارنىڭ بىرى دارغا ئېسىلىشنى ، بىرى دورا يىيىشنى ، بىرى ئاتقا سۆرىتىشنى دىگەندەك خىلمۇخىل ئۇسۇللارنى تاللاپتۇ ، ھەمدە پادىشاھمۇ ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىنچە ھۆكۈم بىجىرىپتۇ . ئەڭ ئاخرىقى بىر گۇناھكار ناھايىتى ئەقىللىق بولغاچقا ئۇ تاللىغان ئۆلۈش ئۇسۇلى پادىشاھنى قايىل قىلىپ ئۆزى ئامان قاپتۇ ! سىزنىڭچە ئۇ قانداق ئۆلۈش ئۇسۇلىنى تاللىغان ؟
- شىر پادىشاھ ھېچنىمە يوق ئوڭ قولىنى تۈگۈپ ئالدىدىكى توشقان ، جەرەن ۋە تۈلكىگە كۆرسىتىپ «ئەگەر كىم قولۇمدا نىمە بارلىقىنى پۇراپ تاپالىسا شۇنىڭ جېنىنى ئامان قويىمەن ،تاپالمىسا جېنىنى ئالىمەن» دەپتۇ ، باشتا توشقان قوپۇپ «قوللىرىدا ئالتۈن بار» دەپتىكەن جېنىنى ئاپتۇ ، ئاندىن جەرەن كىلىپ «قوللىرىدا ھېچنىمە يوق» دەپتىكەن ئۇنىڭمۇ جېنىنى ئاپتۇ ، ئاخرىدا تۈلكە بىر ئېغىز گەپ قىلىپ يولۋاسنى قايىل قىلىپ ئامان قاپتۇ ، ئۇ نىمە دىگەن ؟
- لوپا ئەينەك بىلەن چوڭايتقىلى بولمايدىغان بىر نەرسە بار ، ئۇ نىمە ؟
- بىر پادىشاھ ئۆلۈم ئالدىدىكى ئۈچ قۇلغا «ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنشىتن بۇرۇن ھەر بىرىڭلارنىڭ ئۈچتىن تىلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىمەن ، پەقەت ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇشنى تىلەشكلا بولمايدۇ » دەپتۇ ، ئارىدىن ئىككىسى ئۈچتىن تىلەكلىرىنى ئېيتىپ پادىشاھ تەرىپىدىن رازى قىلىنىپ كاللىسى ئېلىنپتۇ ، ئەڭ ئاخرىدىكى بىرسى ئۈچىنچى تىلكىگە بىر ئېغىز تىلەك تىلەپ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قاپتۇ ، ئۇ نىمە تىلەك تىلىگەن ؟
- بىر ئادەم مېڭىپ مېڭىپ بىر تىك قىياغا كىلىپ قاپتۇ ، قارىسا ئوڭ تەرىپىدە شىر ، سول تەرىپىدە يولۋاس ئارقا تەرىپىدە بىر توپ يىرتقۇچ ھايۋانلار تۇرغىدەك ، ئالدى تەرىپىدە بولسا ھېلىقى تىك قىيا ، بۇ ئادەم قانداق قىلسا بۇ قيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلالايدۇ ؟
- بىر پادىشاھ قۇللارغا مۇنداق پەرمان چۈشۈرۈپتۇ : «راست گەپ قىلساڭ كاللاڭنى ئالىمەن ، يالغان گەپ قىلساڭ دارغا ئاسىمەن» . نۇرغۇن قۇللار نىمە دىيىىشنى بىلەلمەي جېنىدىن ئايرىلىپتۇ ،ئارىدىن بىر قۇل بىر ئېغىز گەپ ئامان قاپتۇ، بۇ قۇل نىمە دىگەن ؟
- توخۇ توشقان 48 ، پاچاقلىرى 108 . توشقان نەچچە ، توخۇ نەچچە ؟
- 100 يۈەن پۇلغا قۇچقاچ ، كەپتەر ، توخۇ ئېلىڭ ، قۇچقاچنىڭ بىرسى 5 سىنتا(پۇڭ) ، كەپتەرنىڭ بىرسى 1 يۈەن ، توخۇنىڭ بىرسى 5 يۈەن . نەتىجىدە قۇچقاچ كەپتەر توخۇنىڭ ئومومى سانى 100 بولسۇن ، ئومۇمى پۇلمۇ 100 يۈەن بولسۇن ؟
- قىپ - قىزىل ياغلىقنى سۇپ - سۇزۇك سۇغا سالسا قانداق بۇلىدۇ ؟
- بىر تاللا سەرەڭگىنى يۆتكەپ تۆۋەندىكى تەڭلىكلەرنى كۈچكە ئىگە قىلالامسىز ؟ بىرىنجى : (42+3=150) ، ئىككىنجى : (2+2=10) ، ئۈچىنجى : (1+1=1000) ، كىم تاپالايدۇ ؟
بەت سانى : 1/15 باش بەت ئالدىنقى كىيىنكى ئاخىرقى جەمئى 145 ئۇچۇر
